-
2008-08-12
DELL شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى - [تــــور بـىلـمـلـىرى]
باش شىتابى تىكساس شىتاتىنىڭ Austin شىتاتىغا جايلاشقان DELL شىركىتى بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا كىتىۋاتقانIT مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى. ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ۋە ئىنتېرنېت ئاساسىنى بەرپا قىلىشقاا يارىدەم بىرىدۇ. DELL شىركىتىنىڭ بازادىكى باشلامچىغا ئايلىنىشىدىكى تۈپكى سەۋەب بولسا : بىۋاستە ئىشلەتكۈچىلەگە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ ، توختىماي بار كۈچى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەڭ ئىسىل ھىس تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغانلىقىدا. DELLشىركىتىنىڭ ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 57600 خىزمەتچىسى بار ، ئۆتكەنكى 4 پەسىلدە ، DELL شىركىتىنىڭ ئومۇمى سودا سوممىسى 51 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.[Dell computer]
DELL شىركىتى 1984يىلى ( Michael Dell، 1965 –يىلى تۇغۇلغان) تەرپىدىن قۇرۇلغان . ئۇ ھازىرغىچە كومپيوتېر ساھەسىدە ئەڭ ئۇزۇن باش ھوقۇق تۇتقان خوجايىن. ئۇنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ناھايتى ئاددىي : ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېر ئىشلەپچقىرىش ھەمدە بىۋاستە مال ئېۋەتىىدۇ ، شۇ ئارقىلىق DELL شىركىتى خېرىدارلارنىڭ تەلىپىنى ۋاقتىدا ۋە ئۆنۈملۈك بىلىپ تۇرالايدۇ ۋە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. [Dell computer]
بۇ خىل بىۋاستە سودا ئۇسۇلى ۋاستىچى سودىگەرنى ئىشلەتمەيدۇ ، بۇنداق بولغاندا نۇرغۇنلىغان چىقىم ۋە ۋاقىت تىجىلىپ قالىدۇ ۋە DELL شىركىتى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنىدۇ. [Dell computer]
بۇنداق بىۋاستە ئەندىزە DELL شىركىتىنى تېخىمۇ كۆپ رىقابەت ئورنى ئارقىلىق ، ھەربىر ئىشتىمالچىنى مول سەپلىمىلىك چوڭ سېستىما بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4 كۈندە بىر قېتىم ئامبار زاپسىنى يېڭىلاپ ، DELL شىركىتى دەل ۋاقتىدا ئىستىمالچىلارنى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇ ئارقىلىق يېڭىلىنىش سۈرئتى ئاستا ، پارچە سېتىش ئەندىزسىنى قوللىندىغان شىركەتلەردىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلمەكتە. [Dell computer]
تور ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىش
DELL شىركىتى تور ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش ۋە زاكاس قىلىش ئەندىزسىنى قوللۇنۇپ ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. DELL شىركىتى 1994-يىلى شىركەت تور بىكىتى www.dell.com نى ياساپ چىققان ، ھەمدە 1996- يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىقتىدارىنى قوشۇپ ، سودىنى تورلىشىش يۆلنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرغان . كىيىنكى يىلى ، DELL شىركىتى توردا مال سېتىش سوممىسى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن چوڭ شىركەت بولۇپ قالغان. [Dell computer]
بۈگۈنكى كۈندە ،Microsoft نىڭ كۆزنەك سېستىمىسىنى ئاساس قىلىپ ، DELL شىركىتى پۈتۈن يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ سودا تورىنى شەكىللەندۈردى. DELLPowerEdge مۇلازېمىتىردا قويۇلغان www.dell.com تور ئادرىسى 84 دۆلەتنىڭ پونكىتىنى قاپلىدى ، 28 خىل تىل ۋە ھەر خىل يەرلىك دىئالىتكا ، 26 خىل ئوخشىمىغان دۆلەتنىڭ پۇلىدا باھا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۆۋەتتە ھەر پەسىلدىكى زىيارەت قېتىم سانى 2 مىليارد ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.
DELL شىركىتى ئىنتېرنىتنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ھەر قانداق ۋەزىپىدىن ئېشىپ چۈشۈدىغانلىقىنى كۈنسىرى تونۇپ يەتتى ، ئۇچۇرغا ئېرىشىش ، ئىشلەتكۈچىلەرنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالاقە قىلىش قاتارلىقلار. [Dell computer]
www.dell.com تورىدا ، خېرىدارلار DELL شىركىتىنىڭ ھەر خىل تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىغا باھا بىرىپ ، سەپلىمسىدىن ۋە باھاسىدىن خەۋەردار بولالايدۇ. خېرىدارلار توردا تۇرۇپ مال زاكاس قىلالايدۇ ھەمدە مالنىڭ ياسىلىشى ۋە يەتكۈزۈلۈش ئەھۋالىدىن خەدەردار بولۇپ تۇرىدۇ. valuechain.dell.comتورىدا DELL شىركىتى مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئامبار زاپىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىدۇ.[Dell computer]
DELL شىركىتى ئىنتېرنېت ئارقلىىق خېرىدارلارنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مەسلەن : پۈتۈن يەرشارىدىكى 100 نەچچە مىڭ خېرىدار DELL شىركىتىنىڭ تور بېتى www.dell.com ئارقىلىق DELL شىركىتى بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارىدۇ.
قىزىقىدىغان دوسىتلار www.dell.com ئارقىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسا بولىدۇ.随机文章:
WINDOWS نىڭ سېستىما ھۆججەتلىرى تەپسىلاتى(D) 2008-06-05ICANNتۇركىيە خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىدى 2008-06-27قاپقارا DOS ھالىتىدە ئىشلەيدىغان توربەت 2008-05-11
收藏到:Del.icio.us
DELL شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
Blog:ugan2008-09-27 23:46:13DELL شىركىتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
Blog:نىڭ تورخاتىرسىpsmahiri2008-09-21 15:56:53
引用
下面Blog引用了该文:








评论
ھۆرمەتلىك بلوگىر دوستۇم، يۈكسەل بلوگى بلوگ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ بىر پەللە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور ئادرېسى ئالدى ۋە نەشىرىنى يېڭىلىدى. سىزنىڭ يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنى زىيارەت قىلىپ، تەكلىپ - پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە بلوگىڭىزدىكى يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىشىنى ( نۆۋەتتىكى ئادرېسىمىز http://www.yukselblog.cn/ ) تەڭشەپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!
كامالىي ئېھترام بىلەن
يۈكسەل بلوگى
يۈكسەل
http://uyghurqa.blogspot.com/ سىلەرگە ئالى سالام يوللايدۇ
كۆك دالا بىلوگى
http://www.kokdala.cn
http://www.kokdala.uzblog.cn
سىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم ، مىنىمۇ قوشۋېلىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن !
تۈركچە ئۆگىنىش بلوگىنىڭ ئادرىسى: http://lreanturkish.blogbus.com
تۇغ ئادرىسى : http://lreanturkish.blogbus.com/files/12258205420.jpg
مەنزىل: http://www.yukselblog.com/logs/30475884.html
<< يۈكسەل بلوگى >> دا ، ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز سىزنى مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن
يۈكسەل بلوگى
ئادرېس : http://ilim-pen.blogbus.com/
تۇغ ئادرېسى : http://ilim-pen.blogbus.com/files/12232240880.gif
سوئالىم بلوگى
soal.blogbus.com
logo ئادىرسىم :http://yazay.blogbus.com/files/12191383240.gif