-
2008-06-27
ICANNتۇركىيە خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىدى - [تــــور بـىلـمـلـىرى]
ICANNنىڭ ئۆزىنىمۇ قوغدىيالمىدى، تۇركىيە خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىدى
مەنبە سوخو تورى http://it.sohu.com/20080627/n257784432.shtml
تور ئىسىمى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل خەلىقئارالىق ئاممىۋېىي تەشكىلات «ئىنتىرنېت تور ئىسمى ۋە ئاددرىسى باشقۇرۇش ئورگىنى»( Internet Corporation for Assigned Names and Numbers)[ICANN] NetDevilz گورۇپپىسى دىيلدىغان قىسىم تۈركىيە خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان.
بۇ ھەقىقەتەن بىر قىزىق ئىش . ئۇزۇندىن بۇيان تور ئىسمى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئورگان [ICANN] نىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنى قوغدىشىمۇ تەس بولۇپ قالغان، بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۇچىرىغاندىن يەنە خەلىقئارا ئىنتىرنېت تور ئاددرىسى باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان IANA مۇ بار ئىكەن. تۈركىيەلىك خاككىرلار مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ICANN نىڭ باش بېتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن . ھەمدە تۆۋەندىكىدەك سۆز قالدۇرۇپ قويغان.http://blogs.zdnet.com/security/images/netdevilz_icann_iana.png
You think that you control the domains but you don’t! every body knows wrong. We control the domains including ICANN!
Don’t you believe us?
سىلەر توردىكى ھەممە ئىسىمنى خالىغانچە باشقۇرىمز دەپ قارامسىلەر؟ خاتا ئويلاپسىلەر ، سىلەر ھەم سىلەر باشقۇرىۋاتقان ئىسىملار ھەممىسى بىزنىڭ ئالقىنىمىزدا....
ئىشەنمەمسىلەر؟ ھا ھا ھا ....
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۆۋەندىكى ئىسىملارنىڭ ھەممىسى ئوغۇرلانغان.
icann.net, icann.com, iana-servers.com, internetassignednumbersauthority.com, iana.comخاككىرلار ICANN نى زىيارەت قىلغۇچىلارنى Atspace.com غا كىرىدىغان قىلىپ قويغان ، بىراق بۇ تور ئىسمىنىڭ ip نۇمۇرىنى 82.197.131.106 غا توغرىلاپ قويغان.
NetDevilz خاككىرلار گورۇپپىسى تۈركىيەدە بولۇپ ئۇلار خالغان تور ئىسمىنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىكەن. ھەمدە تور جىنايىتىنى نازارەت قىلىش پونكىتى Zone-H نىڭ نازارىتىدىن قۇتۇلالايدىكەن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ICANN بىلەن IANA ھازىرچە بۇ ئىشقا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، بىراق بۇ بىر ھەقىقەت ھەتتا ICANN بىلەن IANA مۇ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالسا تورنىڭ يەنە ئىشەنچىلىك نەرى قالدى؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بىراق ھازىر چۈشتىن كىين بۇ توربەتلەر ئاللىقاچان ئەسلىگە كەلدى.随机文章:
收藏到:Del.icio.us





评论