-
2008-06-11
كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كىيىن «ئۈستەل يۈزى» كۆرۈنمىسە قانداق قىلىسىز؟ - [مەشغۇلات سېستىمىسى]
كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كىيىن «ئۈستەل يۈزى» كۆرۈنمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟
Windows نىڭ قوزغاتقاندىن كىين ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەسلىكنىڭ سەۋەبى بىر نەچچە خىل، تۆۋەندە بىز بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.
Windows نىڭ قوزغاتقاندىن كىين ئۈستەل يۈزى كۆرۈنمەسلىكنىڭ سەۋەبى:
1. Windows سېستىمىسنىڭ shell——explorer.exe ھۆججىتى بۇزۇلغان ، يۈتۈپ كەتكەن ياكى يۇقۇملانغان.
2. سېستىمىنىڭ تىزىملاش جەدۋىلىدىكى shell تۈرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.
3. مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن explorer.exe نورمال ئىجرا بولماس بولۇپ قالغان. (ۋىرۇسخور توسىۋېلىش ، پىروگگىرامما توقۇنۇشۇپ قېلىش.....)
ھەل قىلىش باسقۇچىلىرى :
1. بىخەتەر ھالەتتە «ئۈستەل يۈزى» كۆرىندىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى سىناپ باقىمىز. ئۇسۇلى : كومپيۇتېر قوزغىلىش جەريانىدا F8 كونۇپكىسىنى باسساق ئىكراندا تىزىملىك كۆرۈندۇ. («بىخەتەر» ھالەتتە قوزغۇلۇش ۋاقتى سەل ئۇزۇنراق.)
ئەگەر ئۈستەل يۈزى كۆرۈنسە ، سېستىما قوزغالغاندا قوزغىلدىغان پىروگگىراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىپ باشقا پىروگگىراممىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ.(ئوشۇقچە تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇماقالىدىن پايدىلنىڭ . (http://juxkun.blogbus.com/logs/20884809.html)
2. ئەگەر ئۈستەل يۈزى يەنىلا كۆرۈنمىسە ، بىرلا ۋاقىتتا shift+alt+delete ياكى shift+ctrl+esc كونۇپكىسى ئارقىلىق ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئاچىمىز. ئاندىن يېڭى ۋەزىپە قۇرۇش تۈرىگە regedit نى كىرگۈزۈپ تىزىملاش دەپتىرىنى ئاچىمىز، [HKEY_LOCAL_MACHINE\ SOFTWARE\Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Winlogon] تۈردىكى Shell تۈرىنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرىمىز، Explorer.exe تۈرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا . ئۆزگەرتىپ قويىمىز. رەسىمدىكىدەك.
3. ئەگەر بۇ تۈردە چاتاق يوق بولسا ، [HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\ Microsoft\Windows NT\CurrentVersion\Image File Execution Options] بۇ تۈردە explorer.exe دىگەن تۈرنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرىمىز ، ھەمدە بار بولسا ئۆچۈرۋېتىمىز.
4. ئەگەر ئۈستەل يۈزى يەنىلا كۆرۈنمىسە ، بىرلا ۋاقىتتا shift+alt+delete ياكى shift+ctrl+esc كونۇپكىسى ئارقىلىق ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئاچىمىز. ھەمدە explorer ياكى %systemroot%\system32\dllcache\ explorer.exe نى كىرگۈزۈپ جەزىملەشتۈرىمىز.
5. ئەگەر يەنىلا كۆرۈنمىسە ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ ئارقىلىق ۋىرۇسخورنىڭ باش پىروگگىراممىسىنى قوزغۇتىمىز ھەمدە ۋىرۇسخورنىڭ تازلاش ياكى ئايرىش خاتىرسىدە explorer.exe نىڭ بارياكى يوقلىقىنى تەكشۈرىمىز، ئەگەر ئايرىش تۈرىدە explorer.exeبولسا ، ئۇھالدا 4. ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.(ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان بولسا ھەرگىز خاتا ھالدا ئايرىۋەتمەيدۇ.)
6. ئەگەر dllcache مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى explorer.exe نى قوزغۇتۇش ئارقىلىق ئۈستەل يۈزىنى كۆرگىلى بولسا ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ ئارقىلق ئۇنى windowsئاستىغا كۆچۈرۈپ قويۇپ قايتا قوزغۇتۇپ بېقىڭ. ئەگەر قوزغاتقاندىن كىيىن «ھوقۇق بىرىلمىگەنلىك» ياكى «زىيارەت قىلىش چەكلەندى » قاتارلىق خاتالىق كۆرۈلسە ، سېستىمنىڭ ۋاقتىنى سەل ئالدىغا سۈرۈپ قويۇپ قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
7. ۋىرۇسلار ئادەتتە كۆپ قىسىم ئورۇنلارنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق يەنىلا ھەل قىلغىلى بولمىسا ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ PEدىسكىسى ئارقلىق رېمۇنىت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوخشاش نەشىردىكى Windows نىڭ Windows ياكى dllcache مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى explorer.exe ھۆججىتىنى مۇشۇ كومپيۇتېدىكى Windows مۇندەرىجىسى ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئاندىن كىيىن 2. ، 4. تۈردىكى تۈرلەرنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم.
ئەگەر يۇقارقى 7 خىل ئۇسۇل بىلەن يەنىلا ئوڭشالمىسا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرنى زاپاسلىۋېلىپ سېستىمىنى قايتىدىن قاچىلىشىنى تەۋسىيە قىلمىز(ھۆججەتنى زاپاسلاش ئۈچۈنPE Win قورال دىسكىسىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.)随机文章:
ICANNتۇركىيە خاككىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىدى 2008-06-27WINDOWS نىڭ سېستىما ھۆججەتلىرى تەپسىلاتى(D) 2008-06-05
收藏到:Del.icio.us
<< دۇئانىڭ ماھىيىتىى [داركىنىز ماقالىلىرى] | باش بەت | ياپونىيە سۇ بىلەن ماڭىدىغان ئاپتوموبىل ياساپ چىقتى >>





评论
ئېلانلارنى چىكىپ قۇيۋاتىمەن. سىزمۇ ئۇنتۇپ قالمىغايسىز.
مەنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم.