-
2008-06-09
دۇئانىڭ ماھىيىتىى [داركىنىز ماقالىلىرى] - [تەرمىلەر]
مەسنەۋىدىن دۇئانىڭ ماھىيىتى.
دۇئا قىلغان بىر كىشىنىڭ << ئى اللە !` دىيىشى، اللە نىڭ ئۇنىڭغا: دىگىن ئەي قۇلۇم` >> دىيىشىنىڭ دەل ئۆزىدۇر... بىر كىشى ھەر كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ اللە نى ئەسلەپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلاتتى... شەيتان ئۇنىڭغا دىدى: ئەي اللە نى جىق ئەسلەيدىغان كىشى! ھەر كېچىسى اللە دەپ چاقىرىسەن ئەمما ساڭا : << دىگىن >> دەپ جاۋاپ قايتۇرغان بىرسى بولدىمۇ؟ ھىچكىم ساڭا بىر ئېغىز جاۋاپمۇ بەرمىدى. قاچانغىچە مۇشۇنداق دۇئا قىلىسەن ؟
ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى ۋە دۇئا قىلىشنى قويۇپ ئۇخلاشقا باشلىدى. چۇشىدە ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى :
- ئويغانغىن! نىمىشقا دۇئانى ۋە اللە نى زىكىر قىلىشنى تاشلىدىڭ؟ نىمىشقا زېرىكتىڭ؟
ئۇ كىشى :
- مەن ھەر كۇنى اللە دەپ چاقىرىمەن ئەمما << دىگىن >> دىگەن بىر جاۋاپ كەلمىدى- دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاۋاز مۇنداق دېدى ئۇنىڭغا :
- سېنىڭ اللە دىيىشىڭ، ئۇنىڭ ساڭا << دىگىن ئەي قۇلۇم >> دىگەنلىكى ئۇچۇندۇر... سېنىڭ اللە غا يالۋۇرۇشۇڭ، اللە نىڭ سېنىڭ قەلبىڭگە ئاللىبۇرۇن خەۋەر يوللىغانلىقى ئۇچۇندۇر... سېنىڭ جاپا تارتىشىڭ، چارە ئىزدىشىڭ اللە نىڭ سېنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى ئۇچۇندۇر... سېنىڭ قورقۇشۇڭ، ئۇمىتلىرىڭ ئۇنىڭ ساڭا لۇتپىدۇر... سېنىڭ ھەر قېتىم << ئى اللە ! >> دەپ چاقىرىشىڭنىڭ سەۋەبى، اللە نىڭ سەندىن بۇرۇن سېنىڭ قەلبىڭگە << دىگىن ئەي قۇلۇم !، مېنى چاقىرغىن >> دىگەنلىكى ئۇچۇندۇر... غاپىللارنىڭ، نادانلارنىڭ، زالىملارنىڭ قەلبى بۇ دۇئادىن يىراق، چۇنكى ئۇلارنىڭ << ئى اللە ! >> دىيىشىگە رۇخسەت يوق. ئاغزىدا ۋە قەلبىدە قۇلۇپ بار... بېشىغا دەرت كەلگەندە << ئى اللە ! >> دەپ يىغلاپ يالۋۇرمىسۇن دەپ، اللە ئۇلارغا دەرت، ئازاپ، يوقسۇللۇق، جاپا بەرمىدى... شۇنىڭ ئۇچۇن چۇشەنگىن كع، << ئى اللە ! >> دەپ يالۋۇرۇپ ئۇنى چاقىرىشىڭغا سەۋەپچى بولغان دەرت - ئەلەم، دۇنيانىڭ سەلتەنەتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشىدۇر... دەرتسىز قىلىنغان دۇئا سۇغۇقتۇر، دەرت بىلەن قىلىنغان دۇئا يۇرەكتىن چىقىدۇ...
收藏到:Del.icio.us
<< جەمىيەتنى خاراپ قىلىدىغان خەتەر- مەنىۋى چۆكۇش [داركىنىز ماقالىلىرى] | باش بەت | كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كىيىن «ئۈستەل يۈزى» كۆرۈنمىسە قانداق قىلىسىز؟ >>




