• 2008-06-07

    تەغدىرنى خاتا چۇشەنمەڭ !!![داركىنىز ماقالىلىرى] - [تەرمىلەر]

    تەغدىرنى خاتا چۇشەنمەڭ !!!
    مۇشرىكلار، پەيغەمبىرىمىزنى ئۆلتۇرۇش ئۇچۇن، ئۇنىڭ ئىزىغا چۇشكەندە، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر بىلەن بىر ئۆڭكۇرنىڭ ئىچىگە يوشۇرىنىۋالىدۇ. مۇشرىكلار ئۇ ئۆڭكۇرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆڭكۇرنىڭ ئاغزىنىڭ << ئۆمۇچۇك تورى بىلەن ئىتىك >> ئىكەنلىكىنى، ئەگەر پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئۆڭكۇرگە كىرگەن بولسا، << ئۆمۇچۇك تورىنىڭ >> بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ ۋە ئۇ يەردىن كېتىدۇ.

    ئۇ ئۆمۇچۇك بولمىغان بولسا، ئۆڭكۇرنىڭ ئاغزىغا تور توقۇمىغان بولسا، اللە يەنىلام پەيغەمبىرىمىزنى قوغدايتتى.

    ھەر ئىنسان بەزىدە ئۆلۇم بىلەن قارىمۇ- قارشى ئۇچۇرۇشۇپ قالىدۇ، بەزىلىرى قۇتۇلىدۇ، بەزىلىرى قۇتۇلالمايدۇ.

    ئۆمۇچۇك ئۆزىنىڭ خاھىشى بىلەن ئۇ تورنى توقۇدىمۇ؟ ئۆمۇچۇككە ئۇ بۇيرۇقنى قىلغان، ئۇ قالقاننى ئۇ ئىشىككە توقۇغۇزغان اللە دۇر. مۇشرىكلەر ئۆمۇچۇك بار ئىشىككە كېلىپ : << بۇ ئۆڭكۇرگە ئادەم كىرگەن بولسا، تور بۇزۇلاتتى >> دەيدۇ. ئۆمۇچۇك تورىنى بىر ياغاچ بىلەن بۇزۇپ : << ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقايلى >> دىيەلەيتتى. ئەمما ئۇنداق دىمىدى. مۇشرىكلارنى ئۆڭكۇرگە كىرىشتىن توسىغان ، ئۆمۇچۇك تورى ئەمەس. تور پەقەت بىر << سەۋەپ >> ئىدى. قەلىبلەرگە ھۇكۇم قىلىدىغان اللە، مۇشرىكلەرنىڭ قەلبىگە << ئۆڭكۇرگە كىرمە >> دەپ بۇيرۇق قىلىدۇ ۋە ئۇ ئاجىز ئۇمۇچۇك تورىنى، پەيغەمبىرىگە قالقان قىلىپ بېرىدۇ.

    ھاياتتا مۇشۇنداق << سەۋەپلەر >> ئىنتايىن جىق. دائىم يۇز بېرىشى<< كېرەك >> بولغان ئىشلار يۇز بېرىدۇ، نىمە يۇز بەرسە يۇز بەرسۇن ھايات يەنە داۋام قىلىدۇ . ھاياتتا << مەخپى - ئوچۇق >> بىر نىزام بار. ۋە تۇرمۇش بۇ نىزام بويىچە داۋام قىلىدۇ.

    مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ : << دەپتەر قەلەمنى چىقىرىڭلار، ئىمتىھان بار >> دىسە، بىر ئوقۇغۇچى قوپۇپ : << مەن ئىمتىھان بېرىشنى خالىمايمەن >> دىيەلمەيدۇ. ئىمتىھان ئوقۇغۇچىنىڭ خالاش خالىماسلىقىغا قارىمايدۇ. بەزىلىرى غەلىبىلىك ئۆتىدۇ، بەزىلىرى ئۆتەلمەيدۇ. ھەق يېرىنى تاپىدۇ.

    اللە بىر مۇسۇلماننىڭ پۇتىنى پالەچ قىلىپ قويدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىسيان قىلىش ھەققى يوق، چۇنكى ئۇ بەدىنىنىڭ ئامانەتچىسى، ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەقىقى ئىگىسى اللە. اللە دىن كەلگەن ھەممە نەرسىگە رازى بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ.

    ھايات بەزىدە كۆزىمىزگە زۇلمەتلىك كۆرۇنىدۇ، ئۆتمۇشنىڭ پۇشايمانلىقلىرى، كېلەچىكىمىزنىڭ قاراڭغۇلىقى- ئىنسانلارغا ياشاۋاتقان بۇ ھاياتنى زەھەر قىلىدۇ. ئىنسان ياخشىلاپ دىققەت قىلسا، ھەممىدىن جىق، پەرىشان بولغان ۋاقتىدا << اللە >> دەيدۇ. بۇ سۆز بولسىمۇ ئىنساننى تەسەللى قىلىشقا يېتىشى كېرەك. پەرىشان بولۇپ ئىسيان قىلىش يېرىگە << پەرىشان بولمىدىم، ئۇمۇدسىز بولمىدىم، ئالەملەرنىڭ رەببىگە قولۇمنى ئۇزىتىۋاتىمەن >> دىيىشى كېرەك.

    ھايات مۇشۇنداق. بىر ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، كۆڭلىمىز بىئارام بولىدۇ. ئەمما كېيىن چۇشىنىمىزكى، ھەممە ئىشنىڭ بىر << سەۋەبى >> بار.

    يامغۇر، يېغىشى كېرەك، بولغانلىقى ئۇچۇن ياغىدۇ...

    بوران، چىقىشى كېرەك، بولغانلىقى ئۇچۇن چىقىدۇ...

    تەقدىرنى چۇشىنىشىمىز كېرەك، ئەمما خاتا چۇشەنمەسلىكىمىز كېرەك...

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشى ماقالە ئىكەن،داركىنىز دىگەن ئۈزى كىمۇ؟شۇ ئادەم ئۈزىنى تونوشتۇرۇپ بىر ماقالە يازسىڭىز ..ئىلانىڭىزنى چىكىپ قويدۇم

发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我