• 2008-06-06

    تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى [داركىنىز ماقالىلىرى] - [تەرمىلەر]

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە اللە دىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ ( يەنى زەررە ) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھفۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق. >> ( سەبەھ سۈرىسى، 3 )

    ئۆتمۇشتە يۈز بەرگەن، كۈنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئۆزگۈرۈشلەر جانابى اللە نىڭ ئىزنى ۋە بىلىمىنىڭ ئىچىدە بولۇپ تېخى دۇنيا يارىتىلىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تەغدىرنىڭ پارچىسى بولغان تەپسىلاتلاردۇر. بۇ تەغدىرنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولسا، ئىسلام ئەخلاقىنىڭ يەر يۈزىگە ھۆكۈمران بولىشىدۇر.

    كائىناتنىڭ باشلانغۇچىدىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە بولغان تارىخنى، دوگما ۋە جاھىل تەدرىجى تەرەققىياتچى چۈشۈنچە بىلەن ئەمەس، بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ تەتقىق قىلغان چېغىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ھەقىقەتنى كۆرىمىز: ئىنسانىيەت تارىخى، ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر تۈزۈم بويىچە، مۇئەييەن سەۋەپلەر ۋە مەخسەتلەر بويىچە ئىلگىرلەۋاتىدۇ. بۇ تارىخى جەرياندا تاسادىپىيلىققا، تەرتىپسىز مالىمانچىلىققا ھەزگىزمۇ يەر يوق.

    ماتىرىئالىستلارنىڭ ۋە دارۋىنىستلارنىڭ << قىڭغىر >> تارىخ چۈشۈنچىسى بويىچە تارىخ، مۇئەييەن بىر پىلان بويىچە ئەمەس، بەلكى تەرتىپسىز بىر ھالدا ئىلگىرلەيدۇ. بۇ خاتا چۈشۈنچە بويىچە قارىغاندا، يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ مەلۇم بىر مەخسىتى ۋە سەۋەبى يوق. تارىخى ماتىرىئالىزم چۈشۈنچىسى، ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى پەقەت ماددى شەرت-شارائىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە ھەر خىل شەرتلەرنىڭ ھادىسىلەرنىڭ راۋاجلىنىشىدا مەلۇم بىر تەسىرى بولىدۇ، ئەمما بذ، ماتىرىئالىستلارنىڭ دىگىنىدەك تاسادىپىيلىقنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن تەسىر ئەمەس. دىنغىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بىر خاتا مەنتىق بىلەن باھا بېرىدىغان ماتىرىئالىستلار، دىنى ئىتىقادنى تارىخ جەريانىدا بەزى زۆرۈرىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن دەپ قارايدۇ.

    ماتىرىئالىستلارنىڭ بۇ قارىشىنىڭ ئەكسىچە پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مەركىزىدە << ھەق دىن >> باردۇر. ھادىسىلەر جانابى اللە بەلگىلىگەن نۇقسانسىز تۈزۈم بويىچە ئىلگىرلەۋاتىدۇ ۋە يۈز بېرىۋاتىدۇ. تارىختا بولغان پۈتۈن ئۇرۇشلار، تىنچلىق كېلىشىملىرى، ئاپەتلەر، يىقىلغان ئىمپىراتورلۇقلار ۋە قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتلەر، ئىدىئولوگىيەلەر، قىلىنغان ئىجاتلار، بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىدە رول ئوينىغان ئىنسانلار ۋە ساناپ تۈگىتەلمىگۈدەك جىق بولغان تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى جانابى اللە نىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل يارىتىشىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ھىچقانداق بىر ھادىسە ئۆز ئالدىغا ۋە تاسادىپىيلىق بىلەن يۈز بەرمەيدۇ. ھەممە نەرسە بىر ھىكمەت بىلەن يارىتىلغاندۇر. تاشقى كۆرۈنىشىدە ھەر بىر ھادىسە باشقا بىر ھادىسىنىڭ سەۋەبى ۋەياكى نەتىجىسىدەك كۆرۈنىشى مۈمكىن، لېكىن بۇ ئەھۋال، يۈز بەرگەن ھەممە ھادىسىلەرنىڭ ئەسلىدە اللە نىڭ بىر تەغدىرى ئىكەنلىكى ھەقىقىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت ھادىسىلەرنىڭ ئارىسىدىكى سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى بەزى ئىنسانلارنى ئالدىيالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تارىخنىڭ ئىلگىرلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خاتا چۈشۈنچىلەر ئىچىگە كىرىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولالايدۇ.

    يەنە بىر تەرەپتىن تارىخنىڭ ھەر مەزگىلىدە ئەسلىدە بىر بىرسىنىڭ << كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى >> بولغان ئوخشاش ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەندۇر. بذ، اللە نىڭ ئىنسانىيەت ۋە كائىنات ئۈچۈن بەلگىلىگەن تەغدىرىنىڭ ( سۈننەتۇللاھ ) زۆزۈرىيىتىدۇر. تارىخى ھادىسىلەرنىڭ سەۋەپلىرىنى، نەتىجىلىرىنى ۋە بۇ ھادىسىلەردىن ئېلىنىدىغان ساۋاقلارنى، قۇرئان ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ( سەللالاھۇ ئالەيھى ۋەسسەللەم ) ھەدىسلىرى ئارقىلىق بىلەلەيمىز

    بۇ يازمىدا تارىخنىڭ ئەسلىدە اللە نىڭ ياراتقان بىر تەغدىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگە ۋە كۈنىمىزدىن كىلەچەككە ئۇزانغان پۈتۈن ھادىسىلەرنىڭ بۇ تەغدىر بويىچە ئۆزلۈكسىز ھالدا ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىمىز. بۇ ئىلگىرلەشنىڭ << ئەڭ خوشخەۋەرلىك >> باسقۇچى دەپ خەۋەر قىلىنغان << ئالتۇن دەۋىر >> ۋە بۇ دەۋىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالامەتلەرنىمۇ تەتقىق قىلىمىز ۋە تەدرىجى تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان تارىخ چۈشۈنچىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىكەنلىكىنى پاكىتلىرى بىلەن كۆرىمىز.

    پۈتۈن ئىنسانلار ۋە مەۋجۇدىيەتلەرگە ئوخشاش، تارىخ بويىچە ئۆزلۈكسىز ھالدا اللە بىلدۈرگەن ئۈستۈن دىن ئەخلاقىنى يەتكۈزگەن ئەلچىلەرنىڭمۇ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تەغدىرى باردۇر. ھەممە پەيغەمبەرلەر تارىختىن بېرى بۇ تەغدىرنىڭ ئىچىدە اللە نىڭ ۋەھىيسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەندۇر ۋە بۇ تەغدىرنىڭ ئىچىدە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزۈىلىدىغان شەرەپلىك بىر ھايات كەچۈرگەندۇر.

    پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخىنى ئايەتلەر بىلەن تەتقىق قىلغان چېغىمىزدا ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلغان تەبلىغ ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. باشقىچە ئېيتقاندا، قۇرئاندا ئىسىمى يېزىلغان پەيغەمبەرلەردىن باشقا اللە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىنتايىن جىق مۇبارەك شەخىسمۇ، تارىخ بويىچە ئۈزۈلۈپ قالماي، ئۆزلۈكسىز ھالدا ئىنسانىيەتكە ھەق دىننى تەبلىغ قىلغاندۇر. ھەتتا ئوخشاش بىر دەۋىردە ياشىغان، ئوخشاش رايونلاردا تەبلىغ ئېلىپ بارغان ( ئىبراھىم ئەلەيھىسالام - لۇت ئەلەيھىسالام، مۇسا ئەلەيھىسالام - ھارۇن ئەلەيھىسالاملارغا ئوخشاش ) پەيغەمبەرلەرمۇ بار. بۇ ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسى اللە تەرىپىدىن تاللانغان مۇبارەك ئىنسانلاردۇر. بۇ ئەلچىلەرنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان جەمىيەتتە قەتئىي ھالدا ھەق دىننى تەبلىغ قىلىشى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىبرەت بولىدىغان ھادىسىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى بولسا، اللە نىڭ ئۇلارنى تاللاپ بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ زىممىسىغا يۈكلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. رەببىمىز، پۈتۈن مەۋجۇدىيەتلەرگە ئوخشاش ئەلچىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر تەغدىر بەلگىلىگەندۇر. ئۇلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئىنسانلارغا ئەۋەتىپ، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھادىسىلەرنى تارىخ بويىچە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا ئېيتىلىپ يەتكۈزىلىدىغان شانلىق ۋە ئۇلۇغ ھادىسىلەر قىلغاندۇر. قۇرئاندا بۇ توغرۇلۇق ئىنتايىن جىق خەۋەرلەر بېرىلگەندۇر. بۇ خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرى بولسا مۇنداق:

    مۇھەممەت ئەلەيھىسالام
    ﴿٤٢﴾
    - ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ ( مەدىنىگە ) يېڭىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ ( مەدىنىگە يىراق تەرىپىدە ئىدى. ( قۇرەيىشنىڭ ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. ( مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر ( ئۆزەڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن اللە بولۇشقا تىگىشلىك ئىشنى ( يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى ) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ( سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى ). اللە نىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولىشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. اللە ( بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى )، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ( نىيەتلىرىنى ) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ( ئەنفال سۈرىسى، 42 )

    جانابى اللە، مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز ( س ئا ؤ ) ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر توپلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن جىق ھەر خىل ئىمتىھان مۇھىتى ياراتقاندۇر، ھەر خىل ۋەسىلىلەر بىلەن ئۇلارنى سىنىغاندۇر. ئايەتلەردە خەۋەر قىلىنغان ئىنتايىن جىق ھادىسىلەر، مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ ( س ئا ؤ ) ۋە يېنىدىكىلەرنىڭ رەببىمىزنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق بىر ئىسپاتىدۇر. غايىپنىڭ << ئاچقۇچى >> قولىدا بولغان جانابى اللە، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىن باشلاپ كېيىن پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىدىغان ئىسلامىيەت ئۈچۈن ھەر بىر تەپسىلاتى پىلانلىق ۋە باشقۇرۇش ئاستىدا بولغان بىر جەرياننى، تەغدىر قىلىپ بەلگىلىگەندۇر. ı

    ئەنفال سۈرىسىنىڭ 42- ئايىتىدىكى << ... اللە بولۇشقا تىگىشلىك ئىشنى... ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ... >> دىگەن ئىپادە، بۇ ھەقىقەتنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. جانابى اللە ، پەيغەمبىرىمىز ( س ئا ؤ ) ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن مۇشرىكلارنى دەل ۋاقىتىدا ئۇچراشتۇرىدۇ ۋە بەلگىلەنگەن تەغدىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

    مۇسا ئەلەيھىسالام

    - ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ ( فىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە ) بېرىپ: سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭ خوش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللا تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن ( بۇ يەرگە ) كەلدىڭ. ( تاھا سۈرىسى، 41 )

    بۇ ئايەتتە دىيىلگىنىدەك مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن پۈتۈن ھادىسىلەر اللە بەلگىلىگەن تەغدىر بويىچە يۈز بەرگەندۇر. سېۋەتكە سېلىنىپ دەرياغا قويۇپ بېرىلىشىدىن تارتىپ ئۇنى فىرئەۋىننىڭ ئايالىنىڭ تېپىۋىلىشىغىچە، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا باققۇچى بولۇشىدىن تارتىپ ئوردىدا ئۆتكۈزگەن يىللارغىچە، اللە بىلەن بىۋاستە گەپ قىلىشىدىن تارتىپ يەھۇدىلارنىڭ پىرئەۋىندىن قۇتۇلىشىغا ۋەسىلە بولغان بارلىق جەريان ئەسلىدە جانابى اللە ياراتقان تەغدىرنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ باسقۇچلاردا بېشىدىن ئۆتكەن ھىچقانداق بىر ھادىسە تاسادىپىي ئەمەستۇر. ھەر بىر تەپسىلاتى بىر ھىكمەت بىلەن يارىتىلغاندۇر. مەسىلەن دەرياغا قويۇپ بېرىلگەن چاغدا سېۋەتنىڭ تېپىلىش ۋاقتىمۇ يارىتىلغاندۇر. دەرياغا قويۇپ بېرىلگەن سېۋەتنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى، قويۇپ بېرىلگەن ۋاقتى، دەريادىكى ئېقىمنىڭ سۈرئىتى ۋە يۆنىلىشى، ئۇنى تېپىۋالغان كىشىنىڭ سېۋەت دەل ئۇ يەردىن ئۆتكەن مىنۇتتا ئۇ يەردە بولىشىغا ئوخشاش ئىنتايىن جىق تەپسىلات، بۇ مۇكەممەل تەغدىرنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئەگەر ئۇ سېۋەتنى ھىچكىم تېپىۋالمىغان بولسا ئىدى كېيىنكى ئىشلارنىڭ ھىچبىرى يۈز بەرمەيتتى دەپ ئويلاش بولسا، چوڭ بىر خاتا بولىدۇ. جانابى اللە بارلىق ھادىسىلەرنى بىر پۈتۈن ھالدا يارىتىدۇ ۋە بۇ پىلاندا ھادىسىلەرنىڭ باشلانغۇچى ۋە نەتىجىلىرى ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغاندۇر.

    يۈسۈپ ئەلەيھىسالام

    - بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى ( سۇ ئېلىپ كېلىشكە ) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ؤة: خۇشخەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا دىدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اللە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ( سۈرە يۈسۈف، 19 )

    بۇ ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن ھادىسە، يۈسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋە كارۋانلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغان بىر ھادىسىدۇر. لېكىن خۇددى مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھادىسىلەرگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ جانابى اللە نىڭ يۈسۈف ئەلەيھىسالام ئۈچۈن بەلگىلىگەن بىر تەغدىرى بار ۋە ھادىسىلەر بۇ تەغدىرنىڭ ئىچىدىكى بىر پىلان بويىچە ھىچقانداق بىر توسالغۇغا ئۇچرىماستىن ئىلگىرلىمەكتىدۇر. كارۋانلارمۇ بۇ پىلاندىكى تىگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىغاندۇر. كۆرگىنىمىزدەك، يۈز بەرگەن ھەر بىر ھادىسىگە ئوخشاش، يۈسۈف ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىمۇ ھىچقانداق تەرتىپسىز، تاسادىپىي بىر ئىلگىرلەش يوقتۇر، ھادىسىلەر ۋە نەتىجىلىرى پەقەت اللە بىلىدىغان، بەلگىلىگەن ۋە ياراتقان بىر ئۇسۇلدا ئىلگىرلىگەندۇر

    ئىسا ئەلەيھىسالام ﴿٥٥﴾

    - ئۆز ۋاقتىدا اللە ئېيتتى: ئى ئىسا! مەن سېنى ( ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتىرىمەن ( يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن )، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش ( يەنى ئىسانىڭ ئىشى ئۈستىدە ) ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن. ( ئال-ئىمران سۈرىسى، 55 )

    ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاخىرقى زاماندا يەر يۈزىگە ئىككىنچى قېتىم كېلىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىسپاتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ئايەتتە، رەببىمىز ئىسا ئەلەيھىسالام ئۈچۈن بەلگىلىگەن تەغدىر بويىچە ئۇنىڭغا توزاق قۇرغانلارنىڭ تۇزاقلىرىنى بۇزۇپ، ئۇنى قوغداپ ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈرگەندۇر. بۇ ئۈلگە بىزگە اللە نىڭ بارلىق ھادىسىلەرنى سەۋەپلىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن بىللە بىر پۈتۈن ھالدا ياراتقانلىقىنى، مىڭلارچە يىللىق بىر جەريان ئىچىدە يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەرنى بارلىق باسقۇچلىرى بىلەن بىللە بىرلا ۋاقىت ئىچىدە ھەممە تەرىپىنى << كۆرەلەيدىغانلىقىنى >> كۆرسىتىدۇ. بىز كەلگۈسىدىكى ھادىسىلەرنى، زامانغا تەۋە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تېخى يۈز بەرمىگەن، شۇنداقلا بىلىنمىگەن ھادىسىلەر دەپ ھىس قىلىمىز، لېكىن زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ تەسىرىدىن خالى بولغان ئۇلۇغ رەببىمىز قۇرئانى-كەرىمدە بىزگە نىسپەتەن كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىپ ئاخىرلىشىپ بولغان ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. قۇرئاندىكى قىيامەت كۈنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەسۋىرلەشلەر، قايتىدىن تىرىلىش، ھىساپ كۈنى، جەننەت ۋە جەھەننەم ھاياتى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. قۇرئاندا تېخى يۈز بەرمىگەن ( بىزگە نىسپەتەن ) قىيامەت كۈنىدىكى كائىناتنىڭ ھالى، مەھشەر كۈنىدىكى ئىنسانلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق روھى ھالەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان گەپ-سۆزلەر... دائىم خۇددى يۈز بېرىپ بولغان بىر ھادىسىگە ئوخشاش بايان قىلىنىدۇ.

    تەغدىر، جانابى اللە نىڭ پەقەتلا ئىنسانلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن ۋە پەقەتلا ئىنساننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، قانداق شەرت-شارائىتلار بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئاساسلىق ۋەقەلەردىن تەركىپ تاپقان بىر قىسمەت ئەمەستۇر. ئىنسانلاردىن باشقا، پۈتۈن جانلىقلارنىڭ، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ، تاغلارنىڭ، دەرەخلەرنىڭ، دېڭىزلارنىڭ... قىسقىچە ئېيتقاندا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنىڭ، ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ ۋە دۇنيانى قاپلىغان ئېقىملارنىڭمۇ اللە تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بىر تەغدىرى باردۇر. ﴿١٦﴾

    - ( اللە غا ئاسىيلىق قىلغان ) قانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازاپلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھفۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن ( ھۆكۈم ) دۇر. ( ئىسرا سۈرىسى، 55 )

    - بىرەر شەھەر ( ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى ( بىزگە ئىتائەت قىلىشقا ) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىتنى- پاسات قىلىدۇ- دة، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنۇچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز.( ئىسرا سۈرىسى، 16)

    پىرئەۋىننىڭ قوشۇنلىرى، ئاد، لۇت، سەمۇد، نۇھ قەۋىملىرى ۋە تېخىمۇ جىقلىرى... بەزىلىرىگە بىر چاقماق چۈشتى، بەزىلىرى سۇدا تۇنجۇقتى، بەزىلىرىگە قۇرقۇنۇچلۇق بورانلار ئەۋەتىلدى... ھەممىسىنىڭ ئورتاق تەرىپى اللە نى ئىنكار قىلىشى، ئازغۇنلۇقلارغا پاتقانلىقى، بۇزغۇنچىلىق چىقارغانلىقى ئىدى. ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ بولسا قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ جازاسى بولۇپ، جانابى اللە نىڭ قىسمىتى ۋە بۇيرۇقى ئىدى. توپان بالاسى ئادەتتىكى بىر تەبىئىي ئەھۋال ۋە بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس بولۇپ، اللە نىڭ خالىغان زامان ۋە ماكاندا << ۋۇجۇتقا كەل >> دىگەن بۇيرۇقى بىلەن يۈز بەرگەن بىر ھالاكەت ئىدى. ئەلۋەتتە اللە تۇپان بالاسىغا سەۋەپلەرنى ۋەسىلە قىلغاندۇر. لېكىن بۇ يەردە دىققەت قىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان نۇقتا شۇكى، بۇ ھالاكەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپلەرمۇ بىر تەغدىرنىڭ پارچىسى بولۇپ، شۈبھىسىزكى بۇ سەۋەپلەرمۇ جانابى اللھ نىڭ ياراتقان تەپسىلاتلىرىدۇر. اللە << بۇلۇتلارنى ئەۋەتىدۇ >> ۋە يامغۇرنى يارىتىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ ئارقىغا يېنىشىنى ئەمىر قىلىدۇ، دېڭىز ئوتتۇرىدىن ئىككىگە ئايرىلىدۇ. چەكسىز كۈچ - قۇدرەتنىڭ بىردىن- بىر ئىگىسى بولغان اللھ كۆلەڭگىنى يارىتىدۇ ۋە قۇياشنى ئۇنىڭغا ۋەسىلە قىلىدۇ. ( فۇرقان سۈرىسى، 45 ). بۇلارنىڭ ھەممىسى اللھ ئۈچۈن ئىنتايىن ئاساندۇر.

    بۇنىڭدىن باشقا، قەۋىملەرنىڭ ھالاك قىلىنىشى بىلەن ئىنتايىن جىق تارىخى نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. مەسىلەن پىرئەۋىننىڭ قوشۇنلىرى سۇدا تۇنجۇقۇپ ھالاك بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق مۇسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان يەھۇدىلار پىرئەۋىننىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدۇ ۋە باشقا تۇپراقلارغا جايلىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. تېخىمۇ كېيىنلەردە قۇددۇسقا ( ئېرۇسالىم ) يېتىپ بارغان << ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى >>، بۇ يەردە ئىنتايىن جىق تارىخى ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئىنتايىن جىق ھادىسىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولىدۇ. يەنە، نۇھ ئەلەيھىسالام ۋە يېنىدىكى مۆمىنلەرمۇ تۇپان بالاسى ھالاك قىلغان دۆلەتلەردىن قۇتۇلىدۇ. شۇنداقلا نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ نەسلىدىن نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەر دۇنياغا كېلىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




发表评论

您将收到博主的回复邮件
记住我